图片[1]-توھپىكار ئەزالار-OWQE
باتۇرجان ئۇستام،تەخەلۇسى (زوقىلان)،1992- يىلى گۈزەل ئونسۇ دىيارىدا تۇغلۇپ ئۆسكەن،2009-يىلى تۇلقسىز ئوتۇرنى پۈتۈرگەندىن كيىن ئۆز يۇرتدىكى ئۇستاملاردىن ئۆي بىزەكچلك كەسپنى ئۆگەنگەن،
ھۈنەر ئۆگنۈپ چىقاندىن كېيىن 2013-يىلدىن 2014-يلغىچە ئاقسۇ شەھىرىدە 1يىل ئويمچلىق كەسپنى ئۆگەنگەن،2016-يلدىن باشلاپ ئونسۇدا ئۆز ئالدىغا دۇكان ئېچىپ ئويمىچلىق كەسپىدە كەڭ خەلىق ئامىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قلماقتا،
ئۇنڭدىن باشقا تور بىتمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل يۇنشى سىسىتىمىسنىڭ دەرىسلىك ۋە لاھىيەللىرىنى يوللاپ بىزنىڭ ئويمىچلىق كەسپىمىز ئۇچۇن توھپە قوشۇپ كىلۋاتدۇ
图片[2]-توھپىكار ئەزالار-OWQE
ئابلەتجان ئۇستام .
تەخەللۇسى (ئالامەت)
1997-يىلى مۇقام يۇرتى گۈزەل يەكەندە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن.
2012-يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتۈرگەندىن كىيىن 2013-يىلى ئويمىچىلىق كەسپىگە قەدەم قويۇپ ئىككى يىل ئويمىچىلىق كەسپىنى ئۈگەنگەن.
ھۈنەرنى پىشىق ئۈگۈنۈپ يىتىشىپ چىققاندىن كىيىن 2016-يىلى گۈزەل قارماي دىيارىدا تۇنجى ئويمىچىلىق دۇكان ئاچقان ،شۇ جەرياندا قارماي دىكى كۆپلىگەن بىزەكچى ئۇستاملارنىڭ قولىشىغا ئىرىشكەن.
2018-يىلىغا كەلگەندە شارائىتىنىڭ
ياربەرمەسلىك سەۋەپلىك يۇرتقا يەكەنگەن قايتىپ كەلگەن .
2018-يىلى مارالبىشى كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن مارالبىشى كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئويمىچىلىق كەسپىنى ئۈگۈنىدىغان ئوقۇغۇچىلىرغا يىتەكچىلىك قىلغان.
2019-يىلى ئۆزىنىڭ ئويمىچىلىق قا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن ئۆز يۇرتى يەكەنگە قايتىپ كىلىپ يەكەن شەھەر ئىچىدە،
(ئالامەت ئويمىچىلىق مەركىزى)
نى قۇرۇپ 2022-يىلىغا كەلگۈچە كەڭ بىزەكچى ئۇستاملانىڭ قولىشىغا ،ئالقىشىغا ئىرىشىپ ،كەڭ خەلىق ئامىسىنىڭ مۇلازىمەت قىلىپ كىلۋاتىدۇ،
ئابلەتجان ئۇستام ياش كەسىپتە پىشقان بولۇپلا قالماي ئۆزتىشچانلىقى بىلەن تىرىشىپ (بىزەكچىلىك ئوتتۇرا دەرجىلىك)ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن ،
ئابلەتجان ئۇستام كۆپ قىرلىق سەۋيەسى بىلەن مۇرەككەپ بولغان لاھىيە قىلىش ئويۇش ئويمىچىلىق ،ئۈسكىنىلىرنى رىمىنۇت قىلىش ئاسراش،قاتارلىق كەسىلەر بىلەن شۇغۇنلىنىدۇ تور بىتمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان قوراشتۇرما ئىشكاپ لاھىيەلىر ۋە دەرىسلىكلىرىنى يوللاپ توربىتمىز ۋە ئويمىچلىق كەسپى ئۇچۇن توھپە قوشۇپ كىلۋاتدۇ
ئوسمانجان ئۇستام تەخەللۇسى (3تىللا) (شاھ قەسىر) ئوسمانجان ئۇستام 1989يىلى ئەزىزانە قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ 2011يىلى قىزغىن ئىشتىياقى بىلەن ئويمىچىق كەسپىنى ئۈگۈنۈپ 2012يىلى يىل ئوتتۇرىدا قەشقەر شەھىرىدە ئۆزئالدىغا دۇككان ئېچىپ ئىزچىل ئويمىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كىلىۋاتىدۇ، ئوسمانجان ئۇستام ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل سەنئەت قارىشى بىلەن رايونىمىز ئويمىچىلىقىنىڭ قاپارتما ئويمىگەرلىكى ئۈچۈن ئوۋچې يادىكار شەمشەر قاتارلىق قاپارتما گۈل نەقىش لاھىيەلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاز بولمىغان لاھىيەلىرى بىلەن تەمىنلەپ دىيارىمىز ئويمىچىلىقىغا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقان…
مۇنازىرە رايونى جەمىي11تال

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ

    • ئوۋچى的头像-OWQE
      ئوۋچىئاپتور
      6
بىر ھەققىدە
لاھىيەلەر
دەرىسلىكلەر
باشبەت